ئىلىكيۇرت دۇكان باشقۇرۇش دېتالى 4.0

1. دېتال چۈشەندۈرلىشى ۋە ئىشلىتىش ئۇسۇلى

بۇ بىر ئۇنۋىرسال دۇكان باشقۇرۇش دېتالى بولۇپ ، چوڭ -كىچىك توپ يەككە سېتىش دۇكانلىرىنىڭ ۋە ياكى ئامبار ئىسكىلاتلارنىڭ مال كىرگۈزۈش - چىقىرىشنى باشقۇرۇشقا ئىشلىتىلىدۇ .

بۇ دېتال پۈتۈنلەي ئۆزىمىز ئىشلىگەن ساندان قورۇلمىسى ئاساسىدا ئىشلەيدىغان بولۇپ ، يەڭگىل ، سۈرئىتى تىز ، مال سانىغا ھىچقانداق چەكلىمسى يوق ، مەشغۇلات ئۇسۇلى ئاددى ، باشقۇرۇشقا ئەپلىك . دۇكاننىڭ پۇتۇن مېڭىش جەريانىنى تەپسىلى تىزىملەپ ماڭىدىغان بولۇپ ، مۇكەممەل كىرىم-چىقىم سىتاتىستىكا، نىسى خاتىرلەش ۋە باشقۇرۇش ياكى شەخسى چىقىم خاتىرلەش ۋە باشقۇرۇش قاتارلىق ئىختىدارلىرى بار . دۇكان ، ئامبار ئىسكىلات باشقۇرغۇچىلىرنىڭ مال ۋە ئىقتىسات باشقۇرۇشىدىكى ياخشى ياردەمچى . دېتالنىڭ ئىشلىتىش ئۇسۇلى ناھايتى ئاددى بولۇپ ، مەشغۇلات جەريانى توۋەندىكى رەسىملەردە كۆرسىتىلدى :

 

























ئۇنىڭدىن باشقا :

(1) ئىشلىتىش جەريانىدا ئەپلىك بولۇش ئۈچۈن ، توۋەندىكى تىز كونۇپكىلارنى ئىسىڭىزدە تۇتۇۋېلىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز :

Esc : نوۋەتتىكى ئىزدەش مەشغۇلاتىنى توختۇتۇش

F4 : مال چىقىرىش مەشغۇلات كۆزنىكىنى ئېچىش

F5 : مال كىرگۈزۈش مەشغۇلات كۆزنىكىنى ئېچىش

Enter : ئىزدەشنى باشلاش ياكى كىرگۈزگەننى مۇقىملاپ قايتىش

(2) ئۆلچەملىك ئۇيغۇرچە كىرگۈزۈش تاختىسى تۆۋەندە كۆرسىتىلدى ، ئەگەر ئۇيغۇرچە بېسىشنى بىلمىسىڭىز ئىلىكيۇرت ھەقسىز تەمىنلەنگەن خەت بېسىش دېتالىنى چۈشۈرۈپ ئۈگەنسىڭىز بولىدۇ .

8-رەسىم ئولچەملىك ئۇيغۇرچە كىرگۈزۈش تاختىسى


2. نەشىر ھوقۇقى توغرىسدا

بۇ دېتالنىڭ نەشىر ھوقۇقى غالىپجان شەمشىگە مەنسۇپ بولۇپ ، ھەر قانداق ئورۈن ياكى شەخىس لايھىلىگۈچىنىڭ رۇخسىتىسىز ئۆز ئالدىغا ئۆزگەرتىشكە ياكى تارقىتىشقا بولمايدۇ .

 


3. بۇ دېتالنى سېتىۋېلىش

بۇ ھەقسىز دېتال ئەمەس . ئىشلىتىپ كۆرۈپ مۇھاپپىق بولسا سېتىۋالسىڭىز بولىدۇ .

بۇ دېتال «ئىلىكيۇرت ئامبار باشقۇرۇش دېتالى» بىلەن بللە سېتىلىدىغان بولۇپ ، ئىككى دېتالنىڭ باھاسى بىر . يەنى بۇ دېتالنى سېتىۋالغۇچىلار يەنە بىرلا ۋاقىتتا «ئىلىكيۇرت ئامبار باشقۇرۇش دېتالى» نىمۇ ئىشلىتەلەيدۇ . «ئىلىكيۇرت ئامبار باشقۇرۇش دېتالى» مۇ بۇ دېتالغا ئوخشاپ كېتىدىغان بولۇپ ، رىستۇران ، ئاشخانىلارنىڭ ۋە ياكى باشقا شەكىلدىكى ئامبار ئىسكىلاتلارنىڭ مال كىرگۈزۈش - چىقىرىش ئىشلىرىغا ئىشلىتىلىدۇ .

سېتىۋېلىش ئۇسۇلى : http://www.ilikyurt.net/Ilik_Soft_Sale/default.asp

 


4. لايھىلىگۈچى بىلەن ئالاقىلىشىش ئۇسۇلى

سۆز قالدۇرۇش : http://www.ilikyurt.net

بۇ بىكەتتە ئەڭ يېڭى ئالاقىلىشىش ئۇسۇلىغا ئىرىشكىلى بولىدۇ

غالىپجان شەمشى

2012 - يىلى 5 - ئاينىڭ 6 - كۈنى ياپۇنىيە خاچىنوخې سانائەت ئۇنۋىرسىتېتى


5. توردىن چۈشۈرۈش

توردىكىسى سىناق نۇسخىسى بولۇپ ، 10 قېتىم ئىشلىتىپ كۆرۈش پۇرسىتى بىرىلگەن . تۆۋەندىكى ئادرىستىن چۈشۈرۈپ كۆرۈپ باقسىڭىز بولىدۇ :


چۈشۈرۈش ئادرىسى

چوڭلىقى : 1606KB         نەشىرى : 4.0  2012-يىلى 5- ئاينىڭ 5-كۈنى

 

ئىلگىرى سېتىۋالغانلار سەمىگە:

1. ئىلگىرى سېتىۋالغانلار ئۈچۈن بۇ يېڭى نۇسخىسى ھەقسىز.

2. يېڭى نۇسخىسىنى ئىشلىتىش ئۈچۈن

    1) ئالدى بىلەن كونا نۇسخىنى ئۆچۈرۈڭ (چۇقۇم تەمىنلىگەن «ئۆچۈرۈش پروگىراممىسى Uninstall.exe » بىلەن ئۆچۈرۈڭ) .

    2) يېڭى نۇسخىسىنى كونا نۇسخا قاچىلانغان ئورۇنغا (مۇندەرىجىگە) قاچىلاڭ. يېڭى قاچىلاش سەۋەپلىك ، ساندان ياكى مۇھىم ئۇچۇرلار ئۆزگەرمەيدۇ .


6. ئۈگۈتىش ماتىريالى

بۇ دېتالنىڭ سىن ئۈگۈتىش ماتىريالى تەمىنلەندى، توۋەندىكى ئۇلىنىش ئارقىلىق كۆرۈڭ.


ئۈگۈتىش ماتىريالى