ئىلىكيۇرت ئامبار باشقۇرۇش دېتالى

1. دېتال چۈشەندۈرلىشى ۋە ئىشلىتىش ئۇسۇلى

بۇ بىر ئۇنۋىرسال ئامبار باشقۇرۇش دېتالى بولۇپ ، رىستۇران ، ئاشخانىلارنىڭ ۋە ياكى باشقا شەكىلدىكى ئامبار ئىسكىلاتلارنىڭ مال كىرگۈزۈش - چىقىرىش ئىشلىرىغا ئىشلىتىلىدۇ .

بۇ دېتال پۈتۈنلەي ئۆزىمىز ئىشلىگەن ساندان قورۇلمىسى ئاساسىدا ئىشلەيدىغان بولۇپ ، يەڭگىل ، سۈرئىتى تىز ، مال سانىغا ھىچقانداق چەكلىمسى يوق ، مەشغۇلات ئۇسۇلى ئاددى ، باشقۇرۇشقا ئەپلىك . دۇكان ، ئامبار ئىسكىلات باشقۇرغۇچىلىرنىڭ مال ۋە ئىقتىسات باشقۇرۇشىدىكى ياخشى ياردەمچى . دېتالنىڭ ئىشلىتىش ئۇسۇلى ناھايتى ئاددى بولۇپ ، مەشغۇلات جەريانى توۋەندىكى رەسىملەردە كۆرسىتىلدى :

 





















ئۇنىڭدىن باشقا :

(1) ئىشلىتىش جەريانىدا ئەپلىك بولۇش ئۈچۈن ، توۋەندىكى تىز كونۇپكىلارنى ئىسىڭىزدە تۇتۇۋېلىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز :

Esc : نوۋەتتىكى ئىزدەش مەشغۇلاتىنى توختۇتۇش

F4 : مال چىقىرىش مەشغۇلات كۆزنىكىنى ئېچىش

F5 : مال كىرگۈزۈش مەشغۇلات كۆزنىكىنى ئېچىش

Enter : ئىزدەشنى باشلاش ياكى كىرگۈزگەننى مۇقىملاپ قايتىش

(2) ئۆلچەملىك ئۇيغۇرچە كىرگۈزۈش تاختىسى تۆۋەندە كۆرسىتىلدى ، ئەگەر ئۇيغۇرچە بېسىشنى بىلمىسىڭىز ئىلىكيۇرت ھەقسىز تەمىنلەنگەن خەت بېسىش دېتالىنى چۈشۈرۈپ ئۈگەنسىڭىز بولىدۇ .

7-رەسىم ئولچەملىك ئۇيغۇرچە كىرگۈزۈش تاختىسى


2. نەشىر ھوقۇقى توغرىسدا

بۇ دېتالنىڭ نەشىر ھوقۇقى غالىپجان شەمشىگە مەنسۇپ بولۇپ ، ھەر قانداق ئورۈن ياكى شەخىس لايھىلىگۈچىنىڭ رۇخسىتىسىز ئۆز ئالدىغا ئۆزگەرتىشكە ياكى تارقىتىشقا بولمايدۇ .

 


3. بۇ دېتالنى سېتىۋېلىش

بۇ ھەقسىز دېتال ئەمەس . ئىشلىتىپ كۆرۈپ مۇھاپپىق بولسا سېتىۋالسىڭىز بولىدۇ .

بۇ دېتال «ئىلىكيۇرت دۇكان باشقۇرۇش دېتالى» بىلەن بللە سېتىلىدىغان بولۇپ ، ئىككى دېتالنىڭ باھاسى بىر . يەنى بۇ دېتالنى سېتىۋالغۇچىلار يەنە بىرلا ۋاقىتتا «ئىلىكيۇرت دۇكان باشقۇرۇش دېتالى» نىمۇ ئىشلىتەلەيدۇ . «ئىلىكيۇرت دۇكان باشقۇرۇش دېتالى» مۇ بۇ دېتالغا ئوخشاپ كېتىدىغان بولۇپ ، چوڭ -كىچىك توپ يەككە سېتىش دۇكانلىرىنىڭ ۋە ياكى ئامبار ئىسكىلاتلارنىڭ مال كىرگۈزۈش - چىقىرىش ئىشلىرىغا ئىشلىتىلىدۇ .

سېتىۋېلىش ئۇسۇلى : http://www.ilikyurt.net/Ilik_Soft_Sale/default.asp

 


4. لايھىلىگۈچى بىلەن ئالاقىلىشىش ئۇسۇلى

تور بىكەت : http://www.ilikyurt.net

بۇ بىكەتتە ئەڭ يېڭى ئالاقىلىشىش ئۇسۇلىغا ئىرىشكىلى بولىدۇ

غالىپجان شەمشى

2011 - يىلى 5 - ئاينىڭ 5 - كۈنى ياپۇنىيە خاچىنوخې سانائەت ئۇنۋىرسىتېتى


5. توردىن چۈشۈرۈش

ئامبار باشقۇرۇش دېتالى توردا تەمىنلەنمىدى.

ئامبار باشقۇرۇش دېتالىنىڭ مەشغۇلات جەريانى دۇكان باشقۇرۇش دېتالى بىلەن ئاساسەن ئوخشاش .

دۇكان باشقۇرۇش دېتالىنى تۆۋەندىكى ئادرىستىن چۈشۈرۈپ كۆرۈپ باقسىڭىز بولىدۇ . 10 قېتىم ئىشلىتىپ كۆرۈش پۇرسىتى بىرىلگەن .

ئەگەر ئامبار باشقۇرۇش دېتالى كېرەك بولسا ، دۇكان باشقۇرۇش دېتالىنى سېتىۋالغاندىن كېيىن ئەۋەتىپ بىرىلىدۇ .


دۇكان باشقۇرۇش دېتالى چۈشۈرۈش ئادرىسى

چوڭلىقى : 1606KB         چىقىرىلغان ۋاقىت : 2012-يىلى 5- ئاينىڭ 6-كۈنى


6. ئۈگۈتىش ماتىريالى

بۇ دېتالنىڭ سىن ئۈگۈتىش ماتىريالى تەمىنلەندى، توۋەندىكى ئۇلىنىش ئارقىلىق كۆرۈڭ.


ئۈگۈتىش ماتىريالى