|
ئىشلىتىش كۆرسەتمىسى :
ئالدى بىلەن بۇ دېتالنى قوزغۇتىمىز، ئاندىن QQ نىڭ پاراڭلىشىش كۆزنىكىنى ئاچىمىز ياكى تاللايمىز، ئاندىن بۇ دېتالدا ئۇيغۇرچە يازىمىز، ئاندىن Ctrl+Enter كونوپكىسىنى باسىمىز ، شۇنىڭ بىلەن قارشى تەرەپكە بىر قېتىملىق ئۇيغۇرچە ئەۋەتىش تاماملىنىدۇ .ئىشلىتىش جەريانى تۆۋەندىكى رەسىملەردە كۆرسىتىلدى :







ئىككى خىل شەكىلدە QQ دا ئۇيغۇرچە ئەۋەتكىلى بولىدۇ ، بىرسى رەسىم شەكىلىدە ، يەنە بىرسى ئەسلى يېزىق شەكىلدە .
رەسىم شەكىلىدە ئەۋەتكەندە :
ھىچقانداق ئارتۇقچە بەلگىلىمىنىڭ ھاجىتى يوق ، پاراڭلىشىدىغان ئادەمنى تاللاپ ، بۇ دېتالنىڭ كۆزنىكىدە ئۇيغۇرچە يېزىپ Ctrl+Enter كونۇپكىسىنى باسسىلا بولىدۇ .
دىققەت: QQ نىڭ (发送(S كونۇپكىسىنىڭ ئوڭ يېنىدىكى كونۇپكىنى بېسىپ 按Ctrl+Enter键发送消息 نى تاللاپ قويۇڭ.
ئەسلى يېزىق شەكىلدە ئەۋەتكەندە :
بـىـرىـنـچـى : ئالدى بىلەن QQ ياكى MSN نىڭ پاراڭلىشىش كۆزنىكىنى ئېچىپ ، ئۇيغۇرچە خەت نۇسخىسى بەلگىلەڭ .
خەت نۇسخىسى بەلگىلىگەندە UKIJ نىڭ خەت نۇسخىسى ياكى Ilikyurt Ziba نى كورسىتىڭ Ilikyurt Ziba نىڭ ئەڭ ياخشى چوڭلىقى 9 .
ئىككىنچـى : بۇ پروگىراممىدا «بىۋاستە ئۇزىتىش» دىگەن كونۇپكىنى تاللاپ قويۇڭ.
ئۈچىنچـى : ئاندىن بۇ پروگىراممىدا ئۇيغۇرچە يېزىڭ ، يېزىپ بولغاندىن كېيىن Ctrl+Enter كونۇپكىسىنى بېسىڭ .
دىققەت: QQ نىڭ (发送(S كونۇپكىسىنىڭ ئوڭ يېنىدىكى كونۇپكىنى بېسىپ 按Ctrl+Enter键发送消息 نى تاللاپ قويۇڭ.
بۇ شەكىلدە QQ پروگىراممىسىنىڭ ئۆزى سەۋەپلىك ، ئۇچۇر قارشى تەرەپكە بارماسلىقى مۇمكىن...
ئۇنىڭدىن باشقا :
1. بۇ دېتالنىڭ كىرگۈزۈش كۆزنىكىدە ، ئۇيغۇرچە ياكى لاتىنچە كىرگۈزۈشنى ئالماشتۇرۇش كونۇپكىسى Ctrl+K .
2. ئۆلچەملىك ئۇيغۇرچە كىرگۈزۈش تاختىسى تۆۋەندە كۆرسىتىلدى ، ئۇيغۇرچە بېسىشنى ئۆگىنەي دىسىڭىز ئىلىكيۇرت ھەقسىز تەمىنلىگەن «ئىلىكيۇرت ئۇيغۇچە كىرگۈزگۈچىسى 11.0» نى توردىن چۈشۈرۈپ ئۆگەنسىڭىز بولىدۇ.

3. ئەگەر خەت نۇسخىسى نورمال كۆرىنمەيدىغان ئەھۋالغا ئۇچرىسىڭىز ، \C:\IlikMSNQQ دىكى Ilikyurt_Ziba.ttf نى سېستىمىغا قاچىلاپ ئىشلىتىڭ .
نەشىر ھوقۇقى توغرىسدا
بۇ دېتالنىڭ نەشىر ھوقۇقى غالىپجان شەمشىگە مەنسۇپ بولۇپ ، ھەر قانداق ئورۈن ياكى شەخىس لايھىلىگۈچىنىڭ رۇخسىتىسىز ئۆز ئالدىغا ئۆزگەرتىشكە ياكى تارقىتىشقا بولمايدۇ .
سۆز قالدۇرۇش : http://www.ilikyurt.net/Ilik_Soft_Sale/default.asp
غالىپجان شەمشى
2011 - يىلى 6 - ئاينىڭ 9 - كۈنى ياپۇنىيە خاچىنوخې سانائەت ئۇنۋىرسىتېتى
توردىن چۈشۈرۈش
بۇ دېتال پۇتۈنلەي ھەقسىز ، چۈشۈرۈش ئادرىسى تۆۋەندىكىچە :
چۈشۈرۈش ئادرىسى 
چوڭلىقى : 213KB نەشىرى : 3.0 2011-يىلى 6- ئاينىڭ 13-كۈنى
|